ئەردوغان توقايېۋغا تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاندا 14 باغ - ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن  قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋغا تەزىيە بىلدۈردى.

1998499
ئەردوغان توقايېۋغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاندا 14 باغ - ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئوت ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن  قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋغا تېلېفون قىلغان.

ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان باغ - ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىلىرىغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىگەن. شۇنداقلا قازاقىستان خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، ھەمدە قازاقىستاننىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر