تۈركىيە قازاقىستانغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە قازاقىستاننىڭ ئاباي رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 14 باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.
1998417
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئەنقەرەنىڭ قازاقىستاننىڭ ئاباي رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 14 باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىشچىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، دوستانە ھەم قېرىنداش دۆلەت قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»