نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى بولدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقلىقىغا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىن پارلامېنت ئەزاسى نۇمان قۇرتۇلمۇش سايلاندى.

1996900
نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى  بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ 3 – قېتىملىق باسقۇچىدا 321 ئاۋازغا ئېرىشكەن نۇمان قۇرتۇلمۇش پارلامېنت باشلىقى بولدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نۇمان قۇرتۇلمۇشقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ پارلامېنت باشلىقى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە يېڭى قانۇن چىقىرىش باسقۇچىنىڭ خەيرىلىك ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، نۇمان قۇرتۇلمۇشنى تەبرىكلىدى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك نۇمان قۇرتۇلمۇشنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمىز ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشى ھەم بەخت – سائادەت ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر