ئەردوغان ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندىستاننىڭ ئودىشا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ھىندىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1995326
ئەردوغان ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھىندىستاننىڭ ئودىشا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ھىندىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزۈم ھەم خەلقىم نامىدىن ھال سورايمەن، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن. بىز مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە ھىندىستاننىڭ يېنىدا تۇرىمىز.»

6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ھىندىستاننىڭ ئودىشا ئۆلكىسىدە ئىككى يولۇچى ۋە بىر يۈك پويىزى بىر – بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەن قاتناش ۋەقەسىدە 294 ئادەم قازا قىلغان، 1000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر