28-مايدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

سايلام ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەھمەت يەنەر جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى رەسمىي نەتىجىنى ئېلان قىلدى.

1994050
28-مايدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھمەت يەنەر جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىنىڭ ئاخىرقى رەسمىي نەتىجىسىگە ئاساسەن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ %52.18 ئاۋازغا ۋە كەمال كىلىچدارئوغلۇنىڭ %47.82 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سايلام ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەھمەت يەنەر 28-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي گېزىتكە ئەۋەتكەنلىكىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر