تۈركىيە خەلقى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلايدۇ

تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ئىككىنچى ئايلانما جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىغا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى، تۈركىيە مىقياسىدا ئەتىگەن سسائەت 08:00 دە باشلىنىپ، 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.

1991728
تۈركىيە خەلقى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ  بەش يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ 14 – مايدىكى بىرىنچى ئايلانمىسىدا،  ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن جۇمھۇر ئىتتىپاقى نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىللەت ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى كەمال قىلىچدارئوغلۇ رىقابەتلىشىدۇ.

چەت ئەلدىكى سايلام تىزىملىكىگە تىزىملاتقان تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ سايلىغۇچى ئۈچۈن 73 دۆلەتتىكى 151 ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا 167 نۇقتىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىندى.

چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 24-مايدا ئاخىرلاشتى. چەت ئەللەردە تاشلانغان ئاۋازلار ئايروپىلان ۋە دىپلوماتىك تېز يوللانما ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

پايتەخت ئەنقەرەدىكى ۋىلايەتلىك سايلام كومىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان ئاۋازلار، بۈگۈن (28-ماي) مەملىكەت مىقياسىدىكى ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، باشقا ئاۋازلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ ۋە سانىلىدۇ.

تۇرۇشلۇق دۆلەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاۋاز تاشلىيالمىغانلارنىڭ تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلىشى بۈگۈن سائەت 17.00 گىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر