باش ئەلچى ئوزان جەيھۇن ئاۋستىرىيە دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ‏قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.‏

1989937
باش ئەلچى ئوزان جەيھۇن ئاۋستىرىيە دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسخانىسى جايلاشقان بىنانىڭ سىرتقى تېمىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ئىغۋاگەرچىلىك رەسىملىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكلىرىگە نارازىلىق  بىلدۈردى.

ئوزان جەيھۇن باياناتىدا، «ۋىيېننادىكى خوفبۇرگ سارىيىىنىڭ تېمىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەدىكى سايلاملارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان مۇساپىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئاۋستىرىيە دائىرىلىرىغا قارىتا كېرەكلىك ئىنكاسلارنى قايتۇردۇق» دېدى.

ئوزان جەيھۇن ئاۋسترىيە دائىرىلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلامغا ئارىلىشىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى قىلغانلارغا قارىتا كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىغا، سۆھبەتداشلىرىنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر