تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى مالايشىيادىكى يەرمەنكىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى يېڭى ھەمكارلىق ۋە ئېكسپورت پۇرسىتى ئۈچۈن مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن لاڭكاۋى خەلقئارا دېڭىز ۋە ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسى (LIMA 2023) گە قاتناشتى.

1989701
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى مالايشىيادىكى يەرمەنكىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ لاڭكاۋى ئارىلىدا 27-مايغىچە داۋاملىشىدىغان يەرمەنكە ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن رەسمىي باشلاندى.

لاڭكاۋى خەلقئارا دېڭىز ۋە ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مۇداپىئە يەرمەنكىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۇنجى قېتىملىقى 1991-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان يەرمەنكىگە ئىككىنچى قېتىم قاتناشقان تۈركىيە، 18 مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلماقتا.

يەرمەنكە جەريانىدا، تۈركىيە شىركەتلىرى ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تونۇشتۇراماقتا.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، مالايشىيا قاتارلىق يەرمەنكىگە قاتناشقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەيئەتلەر، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە شىركەتلىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

مالايشىيا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۈچۈن ھەر خىل ھەل قىلىش چارىلىرىنى سۇنغان تۈركىيە شىركەتلىرى، بۇ ئۇچرىشىشلاردا رايوندا يېڭى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى يەرمەنكىدە ھەر خىل ئۇچقۇچىسىز ۋە ئۇچقۇچىلىق ئايروپىلانلار، قۇرۇقلۇق ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاستىلىرى، دېڭىز قورال سىستېمىلىرى، ئېلېكترونلۇق سىستېما، ئوق-دورا، تەقلىدلەشتۈرگۈچى، تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇداپىئە مۇلازىمەتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

يەرمەنكىدىكى تۇراقلىق رايوندا نۇرغۇن ھاۋا ۋە دېڭىز ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا ۋە ھەر خىل ئۇچۇش ماھارەتلىرى كۆرسىتلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر