تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى 2023 - يىللىق لىما يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى مالايشىيانىڭ لاڭكاۋى ئارىلىدا ئەتە (23 – ماي) باشلىنىپ 27 – مايغىچە داۋاملىشىدىغان خەلقئارا دېڭىز ۋە ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسى — لىما – 2023 كە قاتنىشىدۇ.

1989291
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى 2023 - يىللىق لىما يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا مۇداپىئە ۋە قاتناش مىنىستىرلىقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇ يىل 16- قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2023 – يىللىق لىما يەرمەنكىسى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ مۇداپىئە يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە 1991 – يىلىدىن بۇيان ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان لىما يەرمەنكىسىگە ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىدۇ.

2023 – يىللىق لىما يەرمەنكىسىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى، تۈركىيە مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 18 شىركىتى قاتنىشىدۇ.

يەرمەنكە جەريانىدا تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىرونېۋىك سۇپىلىرى، ئۇچقۇچىلىق / ئۇچقۇچىسىز ھەر خىل قۇرۇقلۇق ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى، دېڭىز سىستېمىلىرى، قورال سىستېمىلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىلار، ئوق- دورىلار، تەقلىدلەشتۈرگۈچىلەر، ئەشيا ئوبوروتى قوللاش مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇداپىئە مۇلازىمىتى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر