تۈركىيە يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا قىلغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ ھەرەمى شەرىفتىكى تارىخىي ھالەتكە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىپ، دۇئا- تىلاۋەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز» دېدى.
باياناتتا، مىنىستىرلىقنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قىلغان بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس جايلارغا ئالاقىدار كونا ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، زۆرۈر تەدبىرلەرنى كېچىكتۈرمەستىن ئەستايىدىللىق بىلەن يولغا قويۇشىنى كۈتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.