مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

1988461
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ «مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم ياشلاردا» دېگەن سۆزىنى تېما قىلىپ ھەمبەھرىلىگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا: «بىز ۋەدە بەردۇق، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەشكە؛ ۋەدە بەردۇق، ۋەتىنىمىزنى قوغداشقا؛ ۋەدە بەردۇق، تۇپراققا ھاياتلىق بېغىشلاشقا؛ ۋەدە بەردۇق، ئاتاتۈرككە. باش قوماندانىمىز مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باشلىق مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ قەھرىمانلىرىغا، شېھىتلىرىمىزغا ۋە غازىلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز، ئۇلارنى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈركنىڭ «ياشلار، ۋەتەننىڭ بارلىق ئۈمىدى ۋە كەلگۈسى سىلەرگە، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئاڭ ۋە ئېنېرگىيەسىگە باغلىق» دېگەن سۆزلىرى بىلەن باشلىنىپ، «ئانىتقابىر (ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى)»نىڭ سۈرىتى ۋە «19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇبارەك بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان سىن كۆرۈنۈشىدە، مىللىي مۇجادىلە دەۋرى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈنى تەسۋىرلەنگەن فوتو – سۈرەتلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر