73 دۆلەتتە سايلام ساندۇقلىرى تەسىس قىلىنىدۇ

28-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن 73 دۆلەتتىكى تۈركىيە ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىنىدۇ.

1987242
73 دۆلەتتە سايلام ساندۇقلىرى تەسىس قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى ئۈچۈن چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 20-ماي (2023) دىن باشلاپ 73 دۆلەتتىكى تۈركىيەنىڭ 151 ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىنىڭ 167 نۇقتىدا سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىدىغانلىقى، تاموژنا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىنىڭ 20-مايدىن 28-مايغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە ئادرېسى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى «ysk.gov.tr» بېتىدىن بىلەلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر