ترابلۇس - ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا پاراخوت دېڭىز قاتنىشى باشلاندى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇس بىلەن ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا پاراخوت دېڭىز قاتنىشى باشلاندى.

1985489
ترابلۇس - ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا پاراخوت دېڭىز قاتنىشى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسراتە دېڭىز ئارمىيە پونكىتىنىڭ  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «<خانىش كېۋالاي> ناملىق پاراخوت پايتەخت ترابلۇستىكى ئەششىئاب پورتىدىن ئىستانبۇلنىڭ زەيپورت پورتىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ پاراخوتنىڭ ئىستانبۇل زەيپورت لىمانىغا تۇنجى سەپىرى ھېسابلىنىدۇ.»

باياناتتا، «خانىش كېۋالاي» ناملىق پاراخوت، يولۇچىلار ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ فوتو سۈرەتلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىللدى.

قارانفىل گورۇھى ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، كېۋالاي ساياھەتچىلىك گۇرۇھى ۋە لىۋىيە تۆمۈر-پولات-تۆمۈر شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرى بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدا پاراخوت دېڭىز قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر