10 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى

ياۋروپانىڭ نۇرغۇن نۇقتىلىرىدا تۈركىيەدە 14-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى.

1983752
10 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، پولشا، شىۋىيېتسارىيە، شىۋېتسىيە، بۇلغارىيە، ئىتالىيە، مالتا، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، گىرېتسىيە، چېخىيە، سىلوۋېنىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە 14-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، سايلام ساندۇقلىرى ئېتىلدى.

ياپونىيە بىلەن خىتايدىمۇ ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى.

ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سايلام ساندۇقى كومىتېتى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا پېچەتلىنىپ خالتىلارغا قويۇلغان بېلەتلەر، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتىلىپ، ئالىي سايلام كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر