ئەزەربەيجاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ ئاۋاز تاشلاشنى باشلىدى

چەت ئەللەردە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن تۈركىيە ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدا بېلەت تاشلىغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 165 مىڭ 969 غا يەتتى.

1982945
ئەزەربەيجاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ ئاۋاز تاشلاشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاشنى باشلىدى.

ئەزەربەيجاندا 11 مىڭ 43 تىزىمغا ئېلىنغان سايلىغۇچى بار.

27-ئاپرېل (2023) باشلانغان ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى دائىرىسىدە، چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا 1 مىليون 83 مىڭ 684، چېگرا ۋە تاموژنا ئېغىزلىرىدا 82 مىڭ 285 سايلىغۇچى ئاۋاز تاشلىدى.

تاموژنا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 14-ماي ئەنقەرە ۋاقتى 17.00 دە، چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلاردا 9-ماي ئاخىرلىشىدۇ.

چەت دۆلەتلەردىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىكىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن سايلىغۇچىلار، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر كۈنى 24 سائەت ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.

چەت ئەللەردە 3 مىليون 416 مىڭ 98 سايلىغۇچى ئاۋاز تاشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر