بۈگۈن قازاقىستان ۋە بۇلغارىيەدە ئاۋاز تاشلاش باشلاندى

تاموژنا ئېغىزلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلاردا 27 – ئاپرېل باشلانغان بېلەت تاشلاش ئىشلىرى بىر ھەپتىنى ئارقىدا قالدۇردى.

1982742
بۈگۈن قازاقىستان ۋە بۇلغارىيەدە ئاۋاز تاشلاش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كومىتېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلار بىلەن تاموژنا ئېغىزلىرىدا 1 مىليون 7165 سايلىغۇچى بېلەت تاشلىغان.

بۈگۈندىن باشلاپ، قازاقىستان ۋە بۇلغارىيەدىكى سايلىغۇچىلارمۇ بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بۈگۈن (4-ماي) شۇ يەر ۋاقتى 09:00 دىن باشلاپ، تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا تەسىس قىلىنغان سايلام ساندۇقىدا بېلەت تاشلاشقا باشلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئاستانا ئەلچىخانىسى، ئالمۇتا ۋە ئاقتاۋ شەھەرلىرىدىكى كونسۇلخانىلاردا تەسىس قىلىنغان سايلام ساندۇقلىرىدا، قازاقىستاندا تىزىمغا ئالدۇرغان تەخمىنەن 6106 نەپەر سايلىغۇچى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچكىچە بېلەت تاشلىيالايدۇ.

بۈگۈن بۇلغارىيەدىمۇ سوفىيەدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى، بۇرگاز ۋە فىلىبە كونسۇلخانلىرىدا تەسىس قىلىنغان سايلام ساندۇقلىرىدا، تىزىمغا ئېلىنغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئاۋاز تاشلاشنى باشلىدى.

بۇلغارىيەدە ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 7-مايغىچە داۋاملىشىدۇ.

چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان نوپۇسى تىزىمغا ئېلىنغان پۇقرالار، كاپىكۇلە، پازاركۇلە، ھامزابەيلى ۋە دەرەكۆيدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدا تەسىس قىلىنغان سايلام ساقلىرىدا ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.

چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 14-ماي سائەت 17.00 گىچە ھەر كۈنى 24 سائەت ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر