ئەتە تۈركىيەنىڭ 23 پاراخوتى 23 پۇرتنى زىيارەت قىلىدۇ
23- ئاپرېل دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمى پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق 23 پاراخوت 23 پورتنى زىيارەت قىلىدۇ.
1978027
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ «TCG ئانادولۇ» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توشۇغۇچى پاراخوتىنىڭمۇ ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئاممىغا سالام بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.