ئەردوغان: قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇم ئوچوق - ئاشكارا نەپرەت جىنايىتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئوچوق - ئاشكارا نەپرەت جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1970126
ئەردوغان: قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇم ئوچوق - ئاشكارا نەپرەت جىنايىتى
erdogan buyukelciler iftar.jpg
erdogan buyukelciler iftar3.jpg
erdogan buyukelciler iftar2.jpg
erdogan buyukelciler iftar1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان  14 – نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى باش ئەلچىلەر ئىپتار پىروگراممىسىدا، پۈتكۈل دۇنيادا ئىسلام دىنىغا بولغان دۈشمەنلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى ھەرقانداق شەكىلدە قوبۇل ھەم كەچۈرۈم قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇم ئوچوق - ئاشكارا نەپرەت جىنايىتىدۇر. قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە پىكىر ئەركىنلىكى نىقابى ئاستىدا يول قويۇۋاتقانلار دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۇقۇمىنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋەتمەكتە. 2 مىلياردقا يېقىن ئادەمنى رەنجىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ پەسكەشلىكلەرگە دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن.»

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پ ك ك، پ ي د، ي پ گ، فەتۆ ۋە دائېش قاتارلىق ھەر خىل تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۆز ئويۇنلىرى، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ھىيلە - مىكىرلەر ھەم نەيرەڭۋازلىقلار بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى پەردازلاش ئۇرۇنۇشلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋىتى كەلگەندە ئەلۋەتتە بۇلارنى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئالدىغا قويىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ بىر تېررورلۇق كارىدورى ئارقىلىق قامال قىلىنىشىغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساق، يېڭى ئۇرۇنۇشلارغىمۇ شۇنداق يول قويمايمىز. ۋەتىنىمىزگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتلىرىنى ئۆز مەنبەسىدە بىر تەرەپ قىلىش ئىستراتېگىيەمىزنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر