ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى - پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان ئىككى ئەزاسى خابۇردىكى تۈركىيە چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

1967776
ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدىكى يىمىرىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان ئىككى تېررورچى خابۇردىكى چېگرا پونكىتىمىزغا تەسلىم بولدى. قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قولى تېررورچىلارنىڭ گەجگىسىدە بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر