توگنىڭ دەسلەپكى سېتىۋالغۇچىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى توگنىڭ «T10X» مودېلىنى سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن 20 مىڭ خېرىدار ۋە 20 مىڭ تەلەيلىك خېرىدارنىڭ تىزىملىكى تەييارلاندى.

1967365
توگنىڭ دەسلەپكى سېتىۋالغۇچىلىرى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ  يەرلىك توكلۇق ئاپتوموبىلى توگنىڭ «T10X» مودېلىنى سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن 20 مىڭ خېرىدار ۋە 20 مىڭ تەلەيلىك خېرىدارنىڭ تىزىملىكى تەييارلاندى.

تەلەيلىك 20 مىڭ خېرىدارغا توگ «T10X» توكلۇق ئاپتوموبىل تاپشۇرۇلىدۇ. سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى توگنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت بېتىدە ۋە «ترۇمور» (Trumore) يۇمتالى ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلدى. سېتىۋېلىشنى زاكاس قىلغان 177 مىڭ 467 كىشى ئىچىدىن 20 مىڭ كىشى توگ ئاپتوموبىلنى سېتىۋالدى.

2023-يىلى ئۈچۈن پىلان قىلىنغان مال تاپشۇرۇش ئىشلىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، زاپاس تىزىملىكتىكى 20 مىڭ خېرىدار ئىچىدىن يېڭى ئىسىملار تاللىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر