تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى لۇساكاغا ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن   توختاتقان زامبىيەنىڭ پايتەختى لۇساكاغا ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

1965637
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى لۇساكاغا ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 26-مارتتا لۇساكاغا « Boeing 737-8 Max » تىپلىق «TK525» نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن تۇنجى ئۇچۇش باشلانغان.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئاھمەت بولات تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىگە ئەڭ كۆپ ئۇچىدىغان شىركەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ كۆپ مەنزىلگە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 62 مەنزىلگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىمىز ئارقىلىق بۇ قىتئەگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى نامايان قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز؛ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە خەلقلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقىمىز كۈچىمىزگە كۈچ قوشماقتا.»

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى لۇساكا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى دارۇسسالام ئارقىلىق ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر