مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نورۋېگىيە ۋە تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نورۋېگىيە ۋە تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.

1959980
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نورۋېگىيە ۋە تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننىكېن خۇيىتفېلد بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

چاۋۇشئوغلۇ خۇيتفېلدتقا 6-فېۋرالدىكى قاھرامانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، نورۋېگىيەنىڭ كۆرسەتكەن قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

سۆھبەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ كېڭىيىشى، ئىستانبۇل ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشى، ئافغانىستان ۋە سومالىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە، تۇنىسنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نابىل ئاممار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئۇنى تەبرىكلىدى.

چاۋۇشئوغلۇ ھەم نورۋېگىيەلىك ھەم تۇنىسلىق مەنسەپداشلىرىغا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن نامايان قىلغان ھەمكارلىقى ۋە قوللاشلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر