چاۋۇشئوغلۇ گراندى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى بىلەن كۆرۈشتى.

1957907
چاۋۇشئوغلۇ گراندى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11  ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە تەسىرلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر