ئىزمىر دېڭىز تەۋەلىكىدە سەككىز نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئىزمىرنىڭ چەشمە رايونى دېڭىز قىرغىقىغا گىرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىتتىرىۋېتىلگەن سەككىز نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1946727
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، قارادا ئارىلىدا بىر تۈركۈم قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننى رايونغا ۋەزىپىگە ئەۋەتكەن.
خادىملار گىرېتسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىتتىرىۋېتىلگەن ۋە ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ قارادا ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، قاپسېلىپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان سەككىز نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن قۇتقۇزۇۋالغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.