تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 31 مىڭ 974 كە يەتتى

6 – فېۋرال (2023) قاھرامانماراش مەركەزلىك تۈركىيەنىڭ 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جېندىن ئايرىلغانلار سانى 31 مىڭ 974 كە يەتتى.

1946337
تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 31 مىڭ 974 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش قاتارلىق 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ۋە ئېغىر تالاپەتلەرنى يەتكۈزگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن 31 مىڭ 974  كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

رايوندا 6 –  فېۋرالدىن بۇيان 3 مىڭ 170 قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان 200 مىڭغا يېقىن كىشى باشقا ۋىلايەتلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھازىرمۇ 250 مىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر