ئالتۇن ئېلون ماسكنى ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان تەتۈر تەشۋىقاتلار مەسىلىسىدە، ئېلون ماسكنى ئاگاھلاندۇردى.

1942368
ئالتۇن ئېلون ماسكنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان تەتۈر تەشۋىقاتلار مەسىلىسىدە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter نىڭ ساھىبى ئېلون ماسكنى ئاگاھلاندۇردى.

ئالتۇن ئېلون ماسكقا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىدى.

ئۇ Twitter نىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئوخشىغان جىددىي ئەھۋاللاردا تەتۈر تەشۋىقات ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. جۈملىدىن، تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ جانغا زامىن بولۇش ۋە تۈركىيەنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاستىلىتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ Twitter دىن بۇ مەسىلىدە سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر