قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 6 نەپەر پ ك ك/ ي پ گ تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1936183
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 6 نەپەر پ ك ك/ ي پ گ تېررورچىسىنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز تېرروچىلارنىڭ ئوق چىقىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ۋە تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى رايونىدا ئوق چىقارغان 6 نەپەر پ ك ك/ ي پ گ تېررورچىسى بىر تەرەپ قىلىندى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.