تۈركىيە بىرماغا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە بىرمادا داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ھالەت ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى زۆرۈر بولمىسا بىرماغا ساياھەتكە بارماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1935955
تۈركىيە بىرماغا ساياھەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ساياھەت قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ نېپىدودىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى تەلەپ قىلدى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، تۈركىيە پۇقرالىرىغا ھەر قانداق ئەھۋالدا بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى ۋە ئېھتىيات قىلىشى تەۋسىيە قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى، بىرما تەرەپتىن كەلگەن قانۇنسىز ئىش ئېلانلىرى توغرىلىقمۇ ئاگاھلاندۇردى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان بىرمانىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ياكى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىزمەت تېپىپ بېرىش ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى، شۇڭا بۇنداق ئېلانلارغا پىسەنت قىلماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر