ئاقساراي باياناتچىسى: تۈركىيەنى ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش دەپ قارايمىز
ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر تۈركىيەنى ئىشەنچلىك ئىتتىپاقداش دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
1934849
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ژان پيېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ژان پيېر: «بىز تۈركىيەنى ئىشەنچلىك (ھۆرمەتكە سازاۋەر) ئىتتىپاقداش دەپ قارايمىز» دېدى ۋە فىنلاندىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا بالدۇرراق قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، ئىلگىرىمۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بۇ دائىرىدە سۆھبەتلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.