ئانتاليانىڭ 2023 – يىللىق ساياھەت پەسلى رېكورت سەۋىيەدە باشلاندى
دۇنيانىڭ مۇھىم ساياھەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئانتالياغا بۇ يىل يانۋار ئېيىنىڭ دەسلەپكى 5 كۈنى ئىچىدە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق 47 مىڭ 380 ساياھەتچى كەلدى.
1929361
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئانتالياغا بۇ يىل يانۋار ئېيىنىڭ دەسلەپكى 5 كۈنى ئىچىدە ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق 47 مىڭ 380 ساياھەتچى كەلگەن.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل 1 – يانۋاردىن 5 – يانۋارغىچە ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىدا، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 1.1، 2019 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا بولسا % 27.7 ئېشىش كۆرۈلگەن.