ئەردوغان: كۇبا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىمىز قەتئىي

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۇبا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئېيتتى.

1910316
ئەردوغان: كۇبا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىرادىمىز قەتئىي
erdogan canel.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (23-نويابىر) تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل مارىيو دىئاز-كانېل بېرمۇدېزنى رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

 ئەردوغان بىلەن بېرمۇدېزئايرىم كۆرۈشتى ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەردوغان بېرمۇدېز بىلەن كۆرۈشۈشىدە تۈركىيە – كۇبا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئاستىدا قېلىشىغا كۇباغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق.»

بېرمۇدېز بىلەن تۈركىيە – كۇبا سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 200 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈشنى قارارلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ھەقتە، ئالدى بىلەن ئېنېرگىيە، ساياھەت، بىناكارلىق، دېھقانچىلىق، تەرەققىيات، سەھىيە ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. ئېمبارگولار سەۋەب بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، شىركەتلىرىمىزنىڭ كۇباغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

مېھمان پىرېزىدېنت بېرمۇدېز مۇنداق دېدى: «سودا، پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۆپ سەرخىللاشتۇرۇش مەسىلىسىدە پۈتۈشتۇق.»

بېرمۇدېز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا، ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولىدىغان شەكىلدە بىيوتېخنىكا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە، ساياھەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سەھىيە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۇبا پىرېزىدېنتى بېرمۇدېزنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر