«پەنجە قىلىچ ھەرىكىتى» دە 184 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق نۇقتىلىرىغا قارشى باشلانغان «پەنجە قىلىچ ھەرىكىتى» باشلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە 184 تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1909252
«پەنجە قىلىچ ھەرىكىتى» دە 184 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدا، قوماندان، ئوفىتسېرلار بىلەن ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ پەنجە قىلىچ ھەرىكىتى بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قاندىل، ئاسوس، ھاركۇك بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەرەب پىنارى، مۈنبىچ، زور غار رايونى، تېل رىفات، جىزرە ۋە دەرىك رايونلىرىدىكى نۇقتىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تېررورىستلارنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى، ئۆڭكۈر، تونېل ۋە ئىسكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 89 نۇقتىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چوڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«بىز ئەمدى ھېساب ئېلىش ۋاقتى دەۋاتىمىز، ئىلگىرى قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن، ئۆتكەن ھەپتە بەيئوغلۇدا (ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان)، تۈنۈگۈن (21-نويابىر) چېگرا لىنيەسىدىكى ئۆنجۈپىنار ۋە كاركامىشتا (ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، بىرسى كىچىك بالا) قىلغان پەسكەشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېسابىنى سورايمىز. بۇلارنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. شېھىتلىرىمىزنىڭ، پۇقرالىرىمىزنىڭ قېنىنىڭ ھېسابىنى سوراشنى داۋاملاشتۇرىمىز. پەنجە قىلىچ ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۈگۈنگىچە توپ ۋە ئايروپىلانلار بىلەن قىلىنغان بومباردىمان نەتىجىسىدە، 184 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى. بۇ ساننى تېخىمۇ ئاشىدۇ دەپ ئويلايمىز. ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغىچە كۈرىشىمزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەتنى پىلانلاشتا بولسۇن ياكى ئىجرا قىلىشتا بولسۇن پۇقرالار، مۇھىت، تارىخىي ۋە مەدەنىي، دىنىي يادىكارلىقلار نىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى قىلمايدىغان ئېھتىياتچانلىقنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ سەزگۈرلۈكلەر توغرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئاداققىچە قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر