قاتار ئەمىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

قاتار ئەمىرى شەيخ ئالسانى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن (2022-يىلى 14-ئۆكتەبىر) تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1892819
قاتار ئەمىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى قاتار ئەمىرى شەيخ ئالسانىنىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، زىيارەت رامكىسىدا تۈركىيە-قاتار ئالىي ئىستراتېگىيەلىك كومىتېتىنىڭ 8-قېتىملىق يىغىنى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئالسانىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارمۇ قاتنىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كومىتېت يىغىنىدا، تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېسىلىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دۆلەتلەر بولغان قاتار-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايون ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر