ئەردوغان بىلەن توقايېۋ قوشما باياننامە ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قوشما باياننامە ئېلان قىلدى.

1892491
ئەردوغان بىلەن توقايېۋ قوشما باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى ئاكوردا پىرېزىدېنت سارىيىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تۈركىيە – قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قوشما باياننامە ئېلان قىلىندى.

16 ماددىن تەشكىل تاپقان قوشما باياننامەدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

قاتناش ساھەسىدە ترانس – ھازار يولى ۋە باكۇ – تىفلىس – قارس لىنىيەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ماس قەدەمدىكى خىزمەتلەرنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياننامەدە، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش توغرىلىقمۇ مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بارلىق ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.»

باياننامەدە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى، مائارىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە ئورمانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر