تۈركىيە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوغۇتلىرىنى خەلقئارا بازارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوغۇتلىرىنى بارلىق ئېھتىياجلىق ھېس قىلغان دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈش توغرىسىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1886849
تۈركىيە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوغۇتلىرىنى خەلقئارا بازارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دېنىزلىدە (دېڭىزلى) ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە تاشقى سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلاردا تەڭپۇڭ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى؛ بۇنى ئۆتكەن ھەپتىدىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا كۆرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى، بىزنىڭ ئىككى تەرەپ بىلەن بولغان تەڭپۇڭ ۋە ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەس» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ يېقىندا ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ: «ئەمدى بولسا، پۈتكۈل دۇنيا ئېھتىياجلىق بولغان ئوغۇتلارنى، ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا ئوغۇتلىرىنى خەلقئارا بازارلارغا ۋە ئېھتىياجلىق بولغان دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق تۈزۈمدە جۇھمۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئوينىغان رولى نەتىجىسىدە، گېپى ئۆتىدىغان، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغان ۋە ھەر قانداق مەسىلە كۆرۈلگەندە «تۈركىيەنىڭ پايدىسى بولىدۇ» دېيىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر