ئانتالياغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

قۇياش نۇرى، دېڭىز ساھىللىرىدىن سىرت يەنە، تارىخىي ۋە تەبىئىي گۈزەللىكلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان ئانتاليا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 8 يېرىم ئېيى ئىچىدە 10 مىليون 60 مىڭ 739 ساياھەتچىنى  كۈتۈۋالدى.

1880934
ئانتالياغا كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈتۈۋالغان چەت ئەللىك مېھمان سانىغا ئاساسەن «ساياھەت پايتەختى» دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ شەھەردە ساياھەت پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

يەر شارىۋى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن كېيىن، ساياھەت ساھەسى ئەڭ ئاۋات پەسىلنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

بۇ يىل 1 – يانۋاردىن 11 – سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق ئانتالياغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 10 مىليون 60 مىڭ 739 گە يەتتى.

ئانتاليا، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە 6 مىليون 151 مىڭ 948 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانىدى. ساياھەتچىلەر سانىدا، بۇ يىل بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 64 لىك ئېشىش كۆرۈلدى.

ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كەلگەن دۆلەتلەر، نۆۋەت بىلەن گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر