گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى
گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئەگە دېڭىزىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ئېنىقلاپ چىقىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1880980
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى قۇتقۇزۇۋالغان.