ئەردوغان گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيە ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشسا بۇنىڭ بەدىلىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1875408
ئەردوغان گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سامسۇن چارشامبا ئايرودۇرۇمىدا «ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە (تېكنوفېست) – 2022» فېستىۋالىدا قىلغان سۆزىدە، تېكنوفېستنىڭ، 107 دۆلەتتىن 600 مىڭ ياش رىقابەتلەشكەن بىر پائالىيەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ زېھنىي بىر ئىنقىلابتۇر. تۈنۈگۈن بىزگە پۇلغىمۇ مۇداپىئە سانائىتى تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بەرمىگەن دۆلەتلەرگە بۈگۈن بۇ مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتۇق. تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى مۇداپىئە سانائىتىدىن سىرت يەنە، ئەشيا ئوبوروتىدىن يېزا ئىگىلىككىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.»

تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە % 80 يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «قىزىل ئالما» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساشنىڭ، دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا ئويۇننىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نۇتىقىدا، گىرېتسىيەگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ شەھىرىگە قورال – ياراغلارنى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىۋاتامدۇ؟ ئۇ يەردەن <300 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى بىزگە تەھدىت سېلىشقا ئۇنۇنۇۋاتامدۇ؟ ئەي گىرېتسىيە! تارىخقا نەزەر تاشلىغان، تارىخقا قايتقىن، ھەددىڭدىن تېخىمۇ ئاشساڭ، بۇنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ. گىرېتسىيەنى بىرلا جۈملە بىلەن ئاگاھلاندۇرىمىز: <ئىزمىرنى ئۇنتۇما.> ئاراللارنى ئىشغال قىلىش بىزنى قورقىتالمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز. دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بىر كۈنى كېچىسى تۇيۇقسىز كېلىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر