شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1853272
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئۈچ ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بالنىستقا ئېلىنغان ئەسكەرلەردىن بىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.