چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1853122
چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ، ئۇكرائىنا پورتىدىن ئاشلىق قاچىلانغان پاراخوتلارنىڭ چىقىرىلىشى ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان «ئاشلىق كارىدورى» غا مۇناسىۋەتلىك قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «ئاشلىق كارىدورى مەسىلىسىدە ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ھەقتە ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىشلىق ئېكىسپورتى ۋە «جىبېك جولى» پاراخوتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۇلېبا، 30 – ئىيۇن كۈنىمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر