ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە كونسېرت كۆردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى جۇمھۇر رەئىسلىىك سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ «ئىتالىيە-تۈركىيە رەھبەرلىرى دوستلۇق يىغىنى» ناملىق ئالاھىدە كونسېرتنى بىرلىكتە كۆردى.

1852451
ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە كونسېرت كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا جۇمھۇر رەئىسلىك سىمفونىيە ئوركېستىرى «ئىتالىيە-تۈركىيە رەھبەرلىرى دوستلۇق يىغىنى» ناملىق ئالاھىدە كونسېرت ئۆتكۈزدى.

كونسېرتنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى بىرلىكتە كۆردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كونسېرتنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە،  ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگىغا سۇلتان ئابدۇلمەجىد ئۈچۈن دونېزېتتى پاشا تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە 1839 - يىلىدىن 1861 - يىلى مارتقىچە «سۇلتان مارشى» قىلىپ ئىشلىتىلگەن مەجىدىيە مارشىنىڭ نوتىلىرى چۈشۈرۈلگەن ماي بوياق رەسىم سوۋغا قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىىك سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ ئالاھىدە كونسېرتى تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر