سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەدە «فىرات قالقىنى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچى ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلار ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان ھالاكەتتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سۈرىيەدە <فىرات قالقىنى> ۋە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 11 تېررورچى ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
ئىراقنىڭ شىمالىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى يەنە 9 تېررورچى، قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ماردىندا، 679 ھەربىي خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قامال قىلىش – 20» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان <ئەرەن قامال قىلىش> ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.»