مۇداپىئە مىنستىرلىقى: يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 54 تېررورچى يوقىتىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدا 54 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2132120
مۇداپىئە مىنستىرلىقى: يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 54 تېررورچى يوقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 54، 2024-يىلى 1-يانۋاردىن بۇيان 360 نەپىرى ئىراقنىڭ، 442سى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ جەمئىي 802 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن قاچقان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى 21-ئاپرېل خابۇردىكى چېگرا پونكىتىغا تەسلىم بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراق زىيارىتىمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى، ئىراق بىلەن «بىرلەشمە بىخەتەرلىكنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى»نىڭ پىرىنسىپىنى بېكىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە يەنە ئىراققا چېگرا بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەش مەسىلىسىدىمۇ ياردەم بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر