پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش گېرمانىيە ئىشلىرى مەسئۇلى قولغا چۈشتى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش گېرمانىيە ئىشلىرى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان سائىم چاقماق ئىستانبۇلدا تۇتۇلغاندىن كېيىن تۈرمىگە تاشلاندى.

2132063
پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش گېرمانىيە ئىشلىرى مەسئۇلى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورچى سائىم چاقماق تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك ساقچى تارماقلىرى ئەترەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە قولغا چۈشكەن.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ چەت ئەل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان چاقماق، ساقچىخانىدىكى رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن ئەدلىيە مەھكىمىسىگە يوللانغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر