ھاككارىدا بىر ئەسكەرىمىز شېھىت بولدى

ھاككارىغا قاراشلىق دەرەجىك ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەتكەسچىلىككە قارشى ھەرىكەت جەريانىدا مەسئۇل لېيتېنانت خالىس كەسكىن شېھىت بولدى.

1851080
ھاككارىدا بىر ئەسكەرىمىز شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاككارىغا قاراشلىق دەرەجىك ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەتكەسچىلىككە قارشى ھەرىكەت جەريانىدا مەسئۇل لېيتېنانت خالىس كەسكىننىڭ بارازگىر دەرياسىغا چۈشۈپ كېتىپ ئېغىر يارىلانغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا دۇچار قىلغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئۇنىڭ قايغۇلۇق ئائىلىسىگە سەبىر تېلەيمىز. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئېسىل مىللىتىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر