ت ر ت ئىسپانچە تارقىتىش ھاياتىنى باشلاشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يەرشارىۋى مېدىيا پائالىيەتلىرى بىلەن چېگرالارنى ھالقىپ ئۆتكەن ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق رەقەملىك خەۋەر سۇپىسىغا يېڭى بىر تىلنى قوشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2131944
ت ر ت ئىسپانچە تارقىتىش ھاياتىنى باشلاشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ساداسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئاڭلىتىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ت ر ت نىڭ «بىرىنچى نۆۋەتلىك ت ر ت – ئىسپانچە سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تارقىتىش يىغىنى»  بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ؛ يىغىن دائىرىسىدە ئەتە ت ر ت ئىسپانچىنىڭ رەقەملىك خەۋەر سۇپىسىمۇ تونۇشتۇرۇلىدۇ.

مەزكۇر يىغىنغا ئىسپانىيە، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئارگېنتىنا، پېرۇ، ۋېنېزۇئېلا، گۋاتېمالا، ئېكۋادور ۋە بولىۋىيە قاتارلىق ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان 18 دۆلەتتىكى تارقىتىش ئورگانلىرىنىڭ 17 باش دېرىكتورى، 21 ژۇرنالىست، 16 مېدىيا ئورگىنى باشلىقى ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىسپانىيەلىك ۋە لاتىن ئامېرىكالىق 40 ئوقۇغۇچى قاتنىشىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا مۇخبىرلار ئۈچۈن «خەلقئارا ئاخبارات» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كېيىن، ھەر خىل مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر