ئەردوغان: بىزنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلايلى دەيدىغان بىر دەردىمىز يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بىزنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلايلى، دەيدىغان بىر دەردىمىز يوق» دېدى.

1850879
ئەردوغان: بىزنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلايلى دەيدىغان بىر دەردىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بايانات بەردى؛ ئۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ھەققىدە توختىلىپ، «بىزنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلايلى، دەيدىغان بىر دەردىمىز يوق، ئەمما، ئۇلار ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايۋاتىدۇ. مەسىلە مانا بۇ يەردە. ئۇلار 147 قېتىم ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە قانۇنسىز كىردى، ئەگەر بىز قوشنا بولساق، دوست بولساق، ئۇنداقتا ھاۋا بوشلۇقىمىزغا نېمىشقا دەخلى قىلىسىلەر. بۇنداق قىلساڭلار، بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ھاۋا ئارمىيەمىزنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشىدۇر. ئەگەر گىرېتسىيە (بۇ قىلمىشىنى) داۋاملاشتۇرسا، بىزمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قارا دېڭىزدا ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدا بولسا، «دوستلىرىمىز (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن ئەپەندى بىلەن (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكى ئەپەندى سۆھبەتلىشىدۇ. بىز ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئويناپ بۇغداي، ئارپا ۋە ئاپتاپپەرەسنى قىسىنچىلىققا دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرگە ئەۋەتىمىز. 20 ئەتراپىدا پاراخوتىمىز ئۇ يەردە ھەر قانداق ۋاقىتتا يولغا چىقىشقا تەييار ھالەتتە تۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر