ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1850368
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئونلارچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورچىلارغا نىسبەتەن نە ئىراقنىڭ، نە سۈرىيەنىڭ شىمالى بىخەتەر ئەمەس. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى غەلىبىلىك داۋاملىشىۋتقان <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بىزنىڭ تېررورچىلارنى ئۇۋىسىدا ئۇجۇقتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى، زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 29 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز تېررورچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتۇرما زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. سۈرىيەنىڭ شىمالىدەقە تىنچلىق بۇلىقى، زەيتۇن شېخى ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 29 تېررورچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر