ئەردوغان ماكرون ۋە مېشىل بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

1849849
ئەردوغان ماكرون ۋە مېشىل بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى
erdogan-macron.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدقا بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يىغىن دائىرىسدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يەنە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشۈشى، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 18:45 تە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر