ئەردوغان يېنىس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1848131
ئەردوغان يېنىس ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن يېنس ستولتېنبېرگنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك/ پ ي د/ ي پ گ گە قارشى كونكېرت ۋە سەمىمىي قەدەملەرنى تاشلىشى، مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىدا تۈركىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگو ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى ۋە كەلگۈسىدە بۇنداق ئىشلارنى قايتا قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر